ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-28 12:18

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن ۋىدېيولۇق سۆھبەتلەشتى.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. بۇلتۇر 10ـ ئايدا، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش شۇجى نۈەن فۇجۇڭ بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەتلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش بويىچە، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بەرپا قىلغان يېڭىچە سىياسىي مەدەنىيلىك شەكلى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ۋىيېتنام پارلامېنتى كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى. ئىككى تەرەپ ياخشى ئالاقىلىشىش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەخسۇس كومىتېتلار، دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى، ۋەكىللەر ۋە يەرلىك قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇن ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ، كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتىدا زىچ ماسلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشى كېرەك.

جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

ۋاڭ تىڭخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تاشقى سىياسەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ۋىيېتنام پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن ۋىدېيولۇق سۆھبەتلەشتى.