ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەقىقىي دوست ئەڭ قىممەتلىك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 09:31

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىنى ئۆتىگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئافرىقىغا زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، تانزانىيە نىرېر خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تىنچلىقنى ئورتاق كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، ئافرىقىلىق دوستلارغا مۇئامىلە قىلىشتا ھەقىقىي بولۇشنى؛ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەلىي  بولۇشنى؛ جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە يېقىن بولۇشنى؛ ھەمكارلىقتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا سەمىمىي بولۇشنى  تەكىتلەيمىز، دېدى. رەئىس شى جىنپىڭ شۇ قېتىم ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، يەنە توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر ھەقىقىي، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشى جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ روشەن ئاساسى بولۇپلا قالماي، جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى ئومۇمىي يېتەكچى پىرىنسىپىغا ئايلاندى.

جۇڭگو مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي، سەمىمىي دوستى ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن باشتىن-ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، تەڭ تەرەققىي قىلىدۇ.   جۇڭگو خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە داۋالغۇشى، كۆپلىگەن ئېغىر كىرىزىسنىڭ يامرىشى ئالدىدا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، خەلقئارا ھەققانىيەتنى قوغداپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەقىقىي ۋە سەمىمىي ياردەم بېرىشىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى ياراتتى.

جۇڭگو دۆلەتلەرنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز، باي-نامرات دەپ ئايرىماي، بىردەك باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئادالەتتە چىڭ تۇرۇپ، ھەققانىيەتنى ياقلاپ، چوڭلار كىچىكلەرنى، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا، بايلار نامراتلارنى بېسىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارادا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئادالەت يولىدا ھەق سۆز قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىدە بىر-بىرىنى قوللاپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر بېلىتى مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەنسۇپ. جۇڭگونىڭ تۈرتكىسى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇقىم قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىپ زورايدى، «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى ۋە كېڭەيدى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق مېخانىزملار مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ئايلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى مۇھىم سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى ئالدى بىلەن ئاشكارا قوللاپ، ئافرىقىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىغا ئىلھام بەردى.

جۇڭگو باشتىن-ئاخىر مۇنداق دەپ قارىدى: ئافرىقا ئافرىقىلىقلارنىڭ ئافرىقىسى، ھەر قانداق دۆلەت ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئافرىقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى، بەلكى كىشىلەرگە بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەسىلىسى ۋە رايون مەسىلىسىنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپسىزلىكنى بىرلىكتە قوغداپ، مەدەنىيلىكتە ئالاقە قىلىش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، بۇ ئارقىلىق كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى 3.2 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولغان 32   مىليون ئادەمنى ئوتتۇرا ھال نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو بىر قاتار خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە، باشتىن-ئاخىر ئىشنىڭ ھەق-ناھەق، توغرا-خاتالىقىغا ئاساسەن مەيدانى ۋە سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا توقۇنۇشنى مەنبەسىدىن تۈگىتىش، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ئاتا قىلدى.

دۇنيادا ھەممە يەرگە باب كېلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى يوق. ھەر قايسى تەرەپلەر دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى شۇنى قايتا ئىسپاتلىدىكى، تاشقى ئارىلىشىش ۋە ئاتالمىش دېموكراتىك ئۆزگەرتىش چەكسىز زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر كارتىنىسىنى نامايان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش يولىنى تاللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي تۈزۈم ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى، سۆزلىشىشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بېنىن زۇڭتۇڭى تارون يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، جۇڭگو سەل قاراشقا بولمايدىغان كۈچ. جۇڭگو ئەندىزىسى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ۋە ياخشى ئىدارە قىلىش-بارلىق تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە ئىلھام بولۇشى كېرەك، چۈنكى تەرەققىياتنى ھەر بىر دۆلەت ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

ھەقىقىي دوست ھەممىدىن قىممەتلىك. نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە بولماقتا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، ئورتاق خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، ھەقىقىي دوستلاردىن بولۇپ، ھەمكارلىق تورتىنى بارغانسېرى چوڭايتىپ، ئىلگىرىلەش كۈچىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھەقىقىي دوست ئەڭ قىممەتلىك

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىنى ئۆتىگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئافرىقىغا زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، تانزانىيە نىرېر خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تىنچلىقنى ئورتاق كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ،