ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» يولغا قويۇلغانلىقىغا بىر يىل بولدى، ئىجادىي تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا بازار مۇھىتى يارىتىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 15:35

دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى  3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» يولغا قويۇلغانلىقىغا بىر يىل بولدى، ئىجادىي تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىمىز، دېدى.

2022-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى»نى رەسمىي يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رېن دۇەنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نىزام» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تىزىملاشنى بېجىرىش تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بازار ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىىنىڭ چېكىنىش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلاشتى. «نىزام»دا قوبۇل قىلىش ھالقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا تىزىملاش يولغا قويۇلۇپ، جايلارنىڭ تىزىملاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش تۈزۈم تىرىكىگە ئىگە قىلىندى. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ماس قەدەمدە تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلىش تۈرى، تەكشۈرۈش تۈرى، ئۇقتۇرۇش تۈرىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ، ئالتە تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتتى.

نۆۋەتتە ئېلىمىزدە تىزىمغا ئېلىنغان بازار سۇبيېكتى 170 مىليونغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلار 53 مىليوندىن، يەككە سودا سانائەتچىلەر 115 مىليوندىن ئاشتى،  ئاساسىي گەۋدە سانى بىر قەدەر چوڭ كۆلەمگە ئىگە بولدى. رېن دۇەنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有