ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 09:46

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى خەينەننىڭ بوئاۋدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى پۇختا، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار. بىز ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال، سېلىنما يوشۇرۇن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ پۇختا ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز. بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

گېئورگىيېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئېشىشى مۇمكىن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە قەرز كىرىزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى خەينەننىڭ بوئاۋدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا بىلەن كۆرۈشتى.