مەركەز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ساھەلەر بويىچە خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
مەركەز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا ئايرىم-ئايرىم قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار، بىر قىسىم مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىش-تۈزەشنى ئەمەلىي ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت