جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقايلى
رەئىس شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 18- ۋە 19-كۈنلىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى تۇنجى مۇھىم ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 31 يىلدىن بۇيان، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەلىي گەۋدە شەكلىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو--ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ قويۇق جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر 1-ئايدا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋىدېيولۇق باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشى، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىشىنىشكە ۋە تايىنىشقا ئەرزىيدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ، ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش.
ئۆتكەن 10 يىلدا، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدا بىر قاتار تارىخىي، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇلتۇر، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق جاكارلىدى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاشنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلدى، دوستلۇق ئالاقىسى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتى ۋە رايون تەرەققىياتىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بارلىققا كەلدى.
ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، قوشنىلار بىلەن ئىناق دوستانە ئۆتۈش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك شىفىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنىڭ سىياسىي كاپالىتى ۋە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشىنىڭ كۈچ مەنبەسى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە «رەڭلىك ئىنقىلاب» قوزغاشقا قەتئىي قارشى تۇردى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى مەيدانى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ۋە رامكىلاردا زىچ ھەمكارلىقنى ساقلاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارغا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئاكتىپ ئاۋاز قوشقۇچىلار، قەتىي قوللىغۇچىلاردۇر. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنى باشتىن-ئاخىر چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەمكارلىق بەلبېغى بەرپا قىلىپ، تىنچلىقنى قوغداش مۇداپىئە قالقىنىنى كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان چوڭ ئائىلە بەرپا قىلىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان يەر شارى كەنتىنى قوغدىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇنجى جاي، شۇنداقلا «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا دەسلەپكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، جۇڭگو قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبىسى، جۇڭگو قىرغىزىستان ئۆزبېكىستان تاشيولى، جۇڭگو تاجىكىستان تاشيولى قاتارلىق چوڭ تۈرلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتىدىغان جۇڭگو ياۋروپا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، نېفىت-گاز تۇرۇبىسىنى قاپلىغان ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ئالاقە تورىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى، ھەم ئاسىيا-ياۋروپا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى يولىنىڭ راۋانلىقىنى قوغداشقا پۇختا ئاساس سالدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ئالدىدا، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش--رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى، دەپ ماختىدى.
جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مېخانىزمى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىدىكى يېڭى مېخانىزم بولۇپ، ئوچۇق- ئاشكارا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان مېخانىزم. ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو قاتناش، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، تاموژنا، ئادىمىيەت قاتارلىقلارنى يەتتە چوڭ ئالدىن ھەمكارلىشىدىغان ساھە قىلىپ، بۇ ساھەلەردىكى مەخسۇس تۇتاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق، كۆپ ئۆلچەملىك ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەسەۋۋۇر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇپ، رايون ئېقىمىغا ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا ئاسىيا-جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆز تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش، رايون تەسىرىنى ئۆستۈرۈشىگە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىر نىيەتتە بولسىلا، ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئالتە دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل