ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ «تەيۋەن كوزىرى»نى ئويناپ، چوتنى خاتا سوقۇپ قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-17 08:52

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەيۋەن رايونىنى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە بۇ يىللىق دۇنيا سەھىيە يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشىغا «كۈچلۈك ئىلھام»بەردى. بۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە قىلغان يەنە بىر ئۇششاق ھەرىكىتى. نۇرغۇن تاراتقۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى «جۇڭگو تەھدىتى»نى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىدۇ، تەيۋەن مەسىلىسى ئالاھىدە «كۆڭۈل بۆلۈش»كە ئېرىشىشى مۇمكىن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرى تەيۋەن مەسىلىسىدە ئارقا-ئارقىدىن شاۋقۇن پەيدا قىلدى. يىراقنى دېمەيلا قويايلى، 2022-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى تەيۋەندە زىيارەتتە بولغاندا، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئاتالمىش ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگودىن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان سەپسەتە. كۆزى ئۆتكۈر كىشىلەر شۇنى كۆرۈۋالالايدۇكى، تەيۋەن بوغۇزى تىنچلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»بۆلگۈنچىلىك قىلمىشى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ يول قويۇشى ۋە قوللىشى، ئاتالمىش «ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش» «تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىش»دېگەن قالپاقنى ئۇلار كىيسە ئەڭ مۇۋاپىق.

تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ سىياسىي ئاساسى. ئەگەر ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ «تەيۋەن كوزىرى»نى ئويناتقۇزۇشنى، ھەتتا خەلقئارادا مەلۇم «ئورتاق تونۇش»ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلسا، بۇ ھەقىقەتەن خام خىيال بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئارقا ئارقىدىن باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، «باشلامچى ئاكا»ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ ئاتالمىش «ئورتاق تونۇشى» خەلقئارا جەمئىيەتكە تۈپتىن ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ «كىچىك چەمبىرەك»نىڭ ئىچكى قىسمىدا، ئاتالمىش «ئورتاق تونۇش»غەربنىڭ بىردەك قارىشىنى قانچىلىك دەرىجىدە نامايان قىلالايدۇ، بۇ بىر سوئال .

كىشىلەر بۇ يىل 4-ئايدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، فىرانسىيەنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىگە ھەمدە ياۋروپانىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە چوقۇم ئۆزىنىڭ مەنپەئەت ئېھتىياجىنى بېكىتىپ، بۇنىڭغا ئاساسەن تەدبىر بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. نەتىجىدە بۇ ئىپادە ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى نازارەت قىلىش مەخپىي ھۆججىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشەنچ كىرىزىسىنى ئويلاشقاندا، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاللىقاچان يېرىق پەيدا بولغان. ئۇنىڭ سىرتقا قارىتا تەيۋەنگە چېتىشلىق شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى تارقىتىشىنىڭ ئارقىسىدا، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا، ئامېرىكا تەرەپ بىر تەرەپتىن، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىمىز، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايمىز، دەپ جار سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش»نى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى. ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ماك كارتى چېگرىدىن ئۆتۈپ «ئامېرىكىدا پىتىراپ زىيارەت قىلغان»سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەندىن تارتىپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ «دېڭىز سەپىرى ئەركىنلىكى»بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ تەيۋەن بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتكىچە؛ ئامېرىكىنىڭ 20 نەچچە دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگەرلىرىنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ تەيۋەنگە قېچىپ بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە كېڭىشىشىدىن تارتىپ، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىپ «خەلقئارا بوشلۇق»نى كېڭەيتىشىگىچە، زادى كىمنىڭ ئاغزىدا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش توغرىسىدا سۆزلەپ، ئەمەلىيەتتە ئوتقۇيرۇقلۇق قىلغانلىقىنى دۇنيا ئېنىق بىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە بۇ يىلقى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخانا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايون سىرتىدىكى كۈچلەرنى تەيۋەن بوغۇزىغا ئارىلىشىشقا كۈچەپ يېنىغا تارتماقتا، ھەتتا تەيۋەن مەسىلىسىنى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بىلەن باغلىۋېلىش ئارقىلىق «جۇڭگو تەھدىتى»نى تەرغىپ قىلىپ، ھەربىي كۈچنى تېز كېڭەيتىپ، ئاتالمىش «نورمال دۆلەت»نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باھانە ئىزدىمەكتە. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق كەسكىنلەشسە، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ئېغىر خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى. ياپونىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پاسسىپ يۈزلىنىشى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھوشيار بولۇشىغا ئەرزىيدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنىڭ بىرلا نۇسخىسى بار، ئۇ بولسىمۇ دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىدە كەينى-كەينىدىن ئوت ئويناپ، جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، ئەگەر بىر نەچچە ئىتتىپاقدىشىنى توپلاپ، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش»نى باھانە قىلىپ، ئوت بىلەن ئوينىشىش كويىدا بولسا، چوتنى خاتا سوققانلىق بولىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ «تەيۋەن كوزىرى»نى ئويناپ، چوتنى خاتا سوقۇپ قويدى

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەيۋەن رايونىنى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە بۇ يىللىق دۇنيا سەھىيە يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشىغا