ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسى جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قىزغىن كۈتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-17 09:01

جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى 5-ئاينىڭ 18-، 19-كۈنلىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 31 يىلدىن بۇيان، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەلىي گەۋدە شەكلىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇخبىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغاندا، ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى قىزغىن كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دوست قوشنىلار ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. ئون يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە بەش دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا بىر قاتار تارىخىي، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا جەزمەن ياردەم بېرىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى قوغداشقا ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ، يېڭى ھاياتى كۈچ يارىتىدۇ. 2022-يىلى 1-ئايدا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋىدېيولۇق يىغىنىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن بىر قاتار سۆزلىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا تەتقىقاتخانىسى (تاشكەنت) تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئادىمىيەت تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئەلشىر سابىروف: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، رايوننىڭ تىنچ، مۇقىم، گۈللەنگەن كەلگۈسى بىرلىكتە يارىتىلىدۇ، دېدى.

تاجىكىستان زۇڭتۇڭى دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى راشىد ئالىموف مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە جەزمەن يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا يېڭى تۆھپە قوشۇلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت جۇڭگو بىلەن تەقدىرداش ياخشى قوشنىلار، ياخشى ھەمراھلار، ياخشى دوستلار، ياخشى قېرىنداشلار. تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە جۇڭگونىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى ۋە ئارزۇسى.

قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، ئالمۇتا شەھىرى جۇڭگو مەركىزىنىڭ مۇدىرى قاۋكېنوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقى ۋە ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تاجىكىستان خوۋار دۆلەتلىك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى «بىر بەلباغ، بىر يول» تۇنجى تەشەببۇس قىلىنغان جاي. شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىدا نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈلگىلىك رايون. ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

تاجىكىستان سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا مىنىستىرلىقى يېنىك سانائەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئاكېمار سالىپوف مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا پائال قاتناشتى، تاجىكىستان-جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى بىر قاتار تۈرلەر تاجىكىستاننى سانائەتتىكى نۇرغۇن ساھەلەردە بۆسۈشكە ئىگە قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ سانائەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كۈتمەكتىمەن.

ئۆزبېكىستان «خەلق پىكرى گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى رۇسلان كېنىزايىف ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: شىئەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونىدا، يولغا چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغان، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنى كۆردۈم. بۇ پويىزلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قولايلىق ۋە سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك گۇۋاھ بولدى. ئۇ شىئەنگە بېرىپ جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: بۇنى ئىنتايىن تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمەن، ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ۋە نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

قاۋكېنوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى پۇختا، تەرەققىياتى تېز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا، نۇرغۇن ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈردى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تاجىكىستان ئاۋىستا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى ئىناق قوشنىلار، ياخشى دوستلار، ھەمكارلىق بوشلۇقى زور. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بىر قاتار ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنى مۇنبەتلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەمكارلىق بەلبېغى بەرپا قىلىپ، تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇداپىئە قالقىنىنى كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان چوڭ ئائىلە بەرپا قىلىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان يەر شارى كەنتىنى قوغداشقا كۈچ چىقارماقتا.

ئۆزبېكىستان «خەلق پىكىرى گېزىتى»تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سەيدئاخمەد شۇكۇروف مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئۇل قۇرۇلۇش، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت، نامراتلىقنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو خەلقىگە بەخت ياراتتى.

قىرغىزىستان ماناس ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ ئېلىپ كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان جەلپ قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا.

قازاقىستان شەرق ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى گۈلنۇر يۇسۇپوۋا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، بۇ مۇھىم ۋاقىت نۇقتىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا نۇرغۇن پۇرسەت يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى. جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا كىتاب تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش، تارقىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۈركمەنىستان شەرق تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئاچىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىشى تېز تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى ئەشيا ئوبوروت ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئورنىنى ئۆستۈردى.

قىرغىزىستان بىر سوتكا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت، ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسى جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قىزغىن كۈتمەكتە

جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى 5-ئاينىڭ 18-، 19-كۈنلىرى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 31 يىلدىن بۇيان، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەلىي گەۋدە شەكلىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ،