ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 09:05

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 9 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. جىڭ خەيپېڭ، جۇ ياڭجۇ، گۈي خەيچاۋدىن ئىبارەت ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.

شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى بۇ يىللىق 2-قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا بوشلۇق پونكىتىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن شىچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋەزىپىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: شېنجۇ 15-نومۇر گۇرۇپپىسى بىلەن ئوربىتىدا ئالمىشىشنى تاماملاپ، تەخمىنەن بەش ئاي تۇرۇش، بوشلۇق ئىلمى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان يۈكنى ئوربىتىدا ئەمەلىي ( سىناق قىلىش) تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بۆلمىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىشى ۋە يۈكنى يەل بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كىلاپانلىق بۆلمىدىن چىقىرىپ، بۆلمە سىرتىدىكى يۈكنى قۇراشتۇرۇش ۋە بوشلۇق پونكىتىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش.

پىلان بويىچە شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا تېز سۈرئەتتە تۇتاشتۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، تيەنخې يادرولۇق بۆلمىنىڭ رادىيال ئېغىزى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ بۆلمە، ئۈچ كېمە بىرىكمە گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئوربىتىدا تۇرغان مەزگىلدە، شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى شېنجۇ 17-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، بۇ يىل 11-ئايدا «شەرق شامىلى» قونۇش مەيدانىغا قايتىش پىلانلاندى.

لىن شىچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، بوشلۇق پونكىتىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسىنىڭ ھالىتى ۋە تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىزمىتى نورمال، شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە ئۇزۇن سەپەر ئىككىنچى F يىراقتىن سېزىش 16-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ مەھسۇلات سۈپىتى كونترول قىلىندى، شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ھالىتى ياخشى، يەر يۈزى سىستېمىسىنىڭ ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولماقتا.

شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋە 3-تۈركۈمدىكى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئالەم قاتنىشى ئۇچقۇچىسى جىڭ خەيپېڭ بىلەن ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش ئىنژېنېرى جۇ ياڭجۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئالەم ئۇچقۇسىنى بىۋاسىتە باشقۇرۇش ۋە ئالاقىدار تېخنىكىلىق تەجرىبىلەرنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل. يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى مۇتەخەسسىسى گۈي خەيچاۋ بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى بولۇپ، ئاساسلىقى بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبە يۈكلىرىنىڭ ئوربىتىدا مەشغۇلات قىلىنىشىغا مەسئۇل، ئىلىم-پەن، ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە كەسپىي مەشىقلەنگەن ھەم مول مەشغۇلات تەجرىبىسىگە ئىگە.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ قوماندانى جىڭ خەيپېڭ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شېنجۇ 7-،9-،11-نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا 4- قېتىم چىقىشى.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ 02-نومۇرلۇق ئالەم ئۇچقۇچىسى جۇ ياڭجۇ بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ 3-تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى، ئۇ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش ئىنژېنېرى. ئېلىمىزنىڭ 3- تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى 03-نومۇرلۇق ئالەم ئۇچقۇچىسى گۈي خەيچاۋ بۇ قېتىم يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى مۇتەخەسسىسى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلدى

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 9 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى