ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 09:05

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى ئاچقۇچلۇق دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرىدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاشنى چۆرىدەپ، دېھقانلار بىلەن ئېتىزدا پىكىر ئالماشتۇردى.

شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. 5-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئاشلىق زىرائەتلىرى 23 مىليون مودىن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليون مودىن كۆپرەك ئېشىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئاشلىق نىشان، ۋەزىپىسىنىڭ %104.5ى ئورۇندالدى. شىنجاڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى 2019-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭدا تۈر تۇرغۇزۇپ يولغا قويۇلغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق تۈرلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش شەكلىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ لايىھەدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بەرپا قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ ئۈنۈمىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جىڭ مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى قاراتمىلىق بېكىتتۇق، باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەقىقىي نامايان قىلدۇق.

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. باش تېما تەربىيەسىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇەن مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە بولغان تونۇشىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز تۈرنى تۇتقا قىلىپ، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش، كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، نۇقتىلىق تۈرلەرنى پىلانلاشنى باش تېما تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىمىز.

باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ خىزمەت لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، 20 نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ شەكىللەندۈردى، ئالاقىدار تارماقلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 5100 قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شىنجاڭ يەنە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە سىياسەت-تەدبىرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرىمىز، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل پىلاننى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ،