ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باش ئىستانسىسى بىلەن جۇڭگو خەلق داشۆسى بىرلىكتە «يېڭى دەۋر خەلقئارا تارقىتىش تەتقىقات يۇرتى» قۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 16:46

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغانلىقىغا ئىككى يىل بولغان پەيتتە، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن جۇڭگو خەلق داشۆسى ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قۇرغان «يېڭى دەۋر خەلقئارا تارقىتىش تەتقىقات يۇرتى» رەسمىي قۇرۇلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشيۇڭ بىلەن جۇڭگو خەلق داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ دۇڭگاڭ بىرلىكتە تەتقىقات يۇرتىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، «يېڭى دەۋر خەلقئارا تارقىتىش تەتقىقات يۇرتى»نىڭ تۇنجى تەتقىقات نەتىجىسى بولغان «دۇنيانىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگو: ئىدىيە، مۇۋەپپەقىيەت ۋە كەلگۈسى» ناملىق دۇنيانىڭ ئەل رايى ۋە جامائەت پىكرى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان كۆك تاشلىق كىتاب رەسمىي ئېلان قىلىندى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «يېڭى دەۋر خەلقئارا تارقىتىش تەتقىقات يۇرتى» كۆپ مەنبەلىك خەلقئارا تارقىتىش سۇبيېكتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش ئەمەلىي تەجرىبىسى بىلەن جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقات ئىقتىدارىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو سۆزى ۋە جۇڭگو بايانى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن. ئىككى تەرەپ دۇنيا جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسى ۋە رايون، دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە تارقىتىش ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات سىستېمىسى، دۇنيا ئەل رايى ۋە جامائەت پىكرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سىستېمىسى، خەلقئارا تارقىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى، يۇقىرى قاتلاملىق خەلقئارا تارقىتىش ئالماشتۇرۇش-سۆزلىشىش سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ تەتقىقات يۇرتىنى خەلقئارا تارقىتىش ساھەسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有