ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركەز 19-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 16:45

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز 19-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مەركەز باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

مەركەز 19-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىبارەت بەش ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 16 مىنىستىرلىق، كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 17 قېتىملىق ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ 40 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ بەنزە ئەزالىرىنىڭ مەسىلىلەرنى دەل جايىدا، ئىنچىكە تېپىشى، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر، تولۇق تەتقىق قىلىشى، مەسىلىلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەشرىيات ئىدارىسى جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، لاياقەتسىز كىتابلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، شەرھلەش--تەشۋىقات- ئىدىيە سېپىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. مەركەز 19- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزى، سىچۈەن باش پونكىتى ۋە ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇنلارغا بېرىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى باش تېما تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسى بويىچە توردا تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار تور بېكەتلىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قاتارلىق زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تاراتقۇ ماقالىلىرىنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىپ تەۋسىيە قىلىشنى كۈچەيتىپ، قويۇق تور جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن پىكىر يولى، ئىلھام، جاۋاب تېپىپ چىقىپ، تۈرلۈك ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى. مەركەز 19-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ۋاقتىدا ئەگىشىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركەز 19-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى

مەركەز 19-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مەركەز باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.