ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى--شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ خۇبېيدىكى ئەمەلىيىتى» مەخسۇس تېمىسىدىكى تاشقى تەشۋىقات يىغىنى ۋۇخەندە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 16:46

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن ج ك پ خۇبېي ئۆلكىلىك كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى--شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ خۇبېيدىكى ئەمەلىيىتى» مەخسۇس تېمىسىدىكى تاشقى تەشۋىقات يىغىنى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋۇخەندە ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى تەشۋىقات يىغىنىدا «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش: يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئەندىزە» باش تېما قىلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، شۇنداقلا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتى ۋە ئۈنۈمىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقانلىقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى جانلىق نامايەن قىلىندى. ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 28 دۆلەتتىن كەلگەن 170 تىن ئارتۇق پارتىيە رەھبىرى ياكى ۋەكىل نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگونى يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيا، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مۇھىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، دەپ قارىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有