ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 16:45

شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان ئۇزۇن سەپەر 2- Fيىراقتىن سېزىش 16-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 9دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. سائەت 16 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن بوشلۇق پونكىتىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى ئۆز ئالدىغا تېز سۈرئەتتە ئۇچرىشىپ ۋە تۇتاشتۇرۇلۇپ، بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 6 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، ياڭراق ھەربىي مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىش مۇراسىمى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ ۋېنتيەنگې يۈەنمېڭيۈەن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. سائەت 6 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانى، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى شۈ شۆچياڭ يولغا چىقىش بۇيرۇقى چۈشۈردى، جىڭ خەيپېڭ، جۇ ياڭجۇ، گۈي خەيچاۋ قاتارلىق ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى بۇيرۇققا بىنائەن سەپەرگە ئاتلاندى.

سائەت 9 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان ئۇزۇن سەپەر 2- Fيىراقتىن سېزىش 16-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا جيۇچۈەن سۈنىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلدى، تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن كېيىن شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى راكېتادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھالىتى ياخشى بولدى.

تەخمىنەن 6.5 سائەت ئۆز ئالدىغا تېز سۈرئەتتە ئۇچرىشىپ تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن بوشلۇق پونكىتى بىرىكمە گەۋدىسى رادىئال يۆنىلىشتە ئۇچرىشىپ تۇتاشتۇرۇلدى، ئارقىدىن ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمىسىدىن ئوربىتا بۆلۈمىسىگە كىردى.

سائەت 18 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، كۈتكىلى ئۇزاق بولغان شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «ئىشىكى»نى ئوڭۇشلۇق ئېچىپ، يىراقتىن كەلگەن شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ «تىيەنگوڭ»غا كىرىشىنى قارشى ئالدى. ئارقىدىن ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «ئائىلە سۈرىتىگە چۈشۈپ»، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تىنچ-ئامانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

كېيىن ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بوشلۇق پونكىتىدا ئوربىتىدا ئالمىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئالتە ئالەم ئۇچقۇچىسى بوشلۇق پونكىتىدا تەخمىنەن بەش كۈن خىزمەت قىلىپ، بەلگىلەنگەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تاماملايدۇ. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال پىلان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ۋەزىپە بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىمىز، بىزنىڭ ئۈچ ئەۋلاد ئالەم ئۇچقۇچىلىرىمىز جۇڭگونىڭ بوشلۇق پونكىتىدا بىرلا ۋاقىتتا نامايەن بولدى، بۇ بىر تارىخىي پەيت، كېيىن شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى بىلەن 16-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ئالماشقاندىن كېيىن، بىر قاتار بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىشتىن ئۈمىد بار.

شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئېلىمىزنىڭ بوشلۇق پونكىتىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى باسقۇچىدىكى تۇنجى ئادەملىك ئالەم كېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىدارى خېلى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 5 -تەتقىقات يۇرتى ئادەملىك ئالەم كېمىسى سىستېمىسىنىڭ باش قوماندانى خې يۈ مۇنداق دېدى: بىز بۇ تۈركۈمدە جەمئىي ئالتە ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىمىز، بىز 30 يىل تىرىشىش ئارقىلىق، لايىھەلەش ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، تەجرىبە قىلىش ئىقتىدارى، جۈملىدىن سىرتقى مەيداندىكى چوڭ تىپتىكى سىناقلارنى تەشكىللەش ئىقتىدارىدا ماھىيەتلىك ھالقىش ھاسىل قىلدۇق.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 6 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، ياڭراق ھەربىي مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىش مۇراسىمى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ ۋېنتيەنگې يۈەنمېڭيۈەن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى