ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئون مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش قۇدۇقى بۇرغىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 16:51

ئېلىمىزدىكى تۇنجى 10 مىڭ مېتىرلىق ئىلمىي تەكشۈرۈش قۇدۇقى چوڭقۇر يەر تەكلىماكان ئىلىمىي تەكشۈرۈش 1-قۇدۇقى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا بۇرغىلىنىشقا باشلىدى، بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش چوڭقۇرلۇقى 11 مىڭ 100 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ يەر شارىدىكى نامەلۇم ساھەلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانلارنىڭ بىلىش چېگراسىنى كېڭەيتىشتىكى بىر چوڭ ھەرىكىتى.

تارىم ئويمانلىقىنىڭ يەر يۈزىدە جىلغىلار ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا سوزۇلغان، يەر ئاستى چاك-چېكىدىن ئاجراپ كەتكەن، گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، دۆلەت ئىچىدىمۇ ئۆزگىچە. 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا بۇرغۇلاپ كىرشتە، يەنە 200 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ 1700 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان يۇقىرى بېسىم قاتارلىق خىرىسلارغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇق ۋە تارىمنىڭ ئالاھىدە گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىتا، چوڭقۇر يەر تەكلىماكان ئىلىمىي تەكشۈرۈش 1- قۇدۇقىدا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى 12 مىڭ مېتىرلىق ئالاھىدە چوڭقۇر قۇدۇقتا ئاپتوماتىك بۇرغىلاش ماشىنىسى ئىشلىتىلىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 220 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئۇلترا يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق مەشغۇلات سۇيۇقلۇقى، بەش قۇدۇق كۆزى، قۇدۇق گەۋدىسى قۇرۇلمىسى قاتارلىق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىلىپ، 10 مىڭ مېتىرلىق ئالاھىدە چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ باش تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋاڭ چۈنشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چوڭقۇر يەر تەكلىماكان ئىلمىي تەكشۈرۈش 1- قۇدۇقىنى بۇرغىلاش--ئاساسلىقى 10 مىڭ مېتىر دەرىجىلىك ئالاھىدە چوڭقۇر قاتلاملىق گېئولوگىيە، قۇرۇلۇش ئىلمىي ئىزدىنىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ۋاڭ چۈنشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇشتا قۇدۇقنى 457 كۈندە بۇرغىلاپ بولۇش پىلانلاندى.

تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت، تەبىئىي گازنىڭ كۆپىنچىسى يەر يۈزىدىن 6000 مېتىر تۆۋەندە، 8000 مېتىردىن تۆۋەندىكى نېفىت، تەبىئىي گازنىڭ گېئولوگىيەلىك بايلىق ئومۇمىي مىقدارى 9 مىليارد توننا نېفىت ئېكۋىۋالېنتىدىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق نېفىت بايلىقى مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، چارلاش ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئون مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش قۇدۇقى بۇرغىلاندى

ئېلىمىزدىكى تۇنجى 10 مىڭ مېتىرلىق ئىلمىي تەكشۈرۈش قۇدۇقى چوڭقۇر يەر تەكلىماكان ئىلىمىي تەكشۈرۈش 1-قۇدۇقى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا بۇرغىلىنىشقا باشلىدى،