ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 16:54

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە كۇرسى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىر ماركسىزمى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىگىلەشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىچكى جەھەتتە ئۆزلەشتۈرۈش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ج ك پ 20ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ »نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئورنى ۋە بۇرچىنى ئىگىلەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆز خىزمىتىدىكى باشلامچىلىق رولى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق رولى، ساھە ئاممىسى ئارىسىدىكى ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى بىرلىكتە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە كۇرسى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1100دىن ئارتۇق ئەزاسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى، ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى شۆبە يىغىن مەيدانىدا ۋىدېيو ئارقىلىق ماس قەدەمدە ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە كۇرسى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1100دىن ئارتۇق ئەزاسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى،