ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فۇجيەن باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆلكىسى قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 15:25

مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە قۇرۇلۇشى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئۆلكە ۋە تۇنجى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى بولغان فۇجيەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى كۆرسەتكۈچى ئۇدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. نۆۋەتتە، فۇجيەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگو ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆلكىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى.

فۇجيەننىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3700 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. فۇجيەن ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى يېقىندا دېڭىز بويىدىكى بىرىنچى سەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، فۇجيەن ئۆلكىسى دۇڭشەن ناھىيەسى باچىمېن توسمىدىن دېڭىزغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، دېڭىز تەۋەسىنىڭ سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، لېكىن نۇرغۇن باقمىچىلار دېڭىز باقمىچىلىقىدىن قۇرۇقلۇق باقمىچىلىقىغا كۆچكەندىن كېيىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. فۇجيەننىڭ ئېكولوگىيە تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، دېڭىز-ئوكياننى مەنبەدىن ئاخىرىغىچە تولۇق زەنجىرلىك تۈزەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

14-بەش يىلدا، فۇجيەن ئۆلكىسى يېڭىدىن 10 مىليون كىلوۋاتلىق دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرىدۇ. يېشىل، پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى قانداق تېزلىتىش كېرەك؟ فۇجيەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار كەسىپلەر رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى يەنە نۇرغۇن يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھازىرقى ئېنېرگىيە ساقلاش ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپلا كەلگۈسىدىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى فۇجيەننىڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسى، يېشىللىق فۇجيەن تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. فۇجيەن ئۆلكىسى كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەدە كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن باشلايدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فۇجيەن باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆلكىسى قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈردى

مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە قۇرۇلۇشى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئۆلكە ۋە تۇنجى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى بولغان فۇجيەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى كۆرسەتكۈچى ئۇدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.