ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ ئەنگلىيە يىخې پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 15:33

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا ئەنگلىيە يىخې پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بەنجامىن كېسۋىك بىلەن كۆرۈشتى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. دۇنيا بىر يەر شارى كەنتى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، ئېلاستىكلىقى يېتەرلىك بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىياتىغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو يىخې شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ جۇڭگودا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى قوللايدۇ.

كېسۋىك جۇڭگودىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ شىركەتنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شىركەتنىڭ جۇڭگو بازىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقى، جۇڭگودىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ ئەنگلىيە يىخې پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا ئەنگلىيە يىخې پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بەنجامىن كېسۋىك بىلەن كۆرۈشتى.