ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پېڭ لىيۈەن ئافرىقىدىكى بىرىنچى خانىملار تەرەققىيات بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە ئافرىقىدىكى يېتىم بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ يولغا قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 15:33

«1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئافرىقا بىرىنچى خانىملار تەرەققىيات بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو-ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ بالىلار قەلبىنى ئىللىتىش» ئافرىقىدىكى يېتىم بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ يولغا قويدى. جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق داۋالاش ئەترەتلىرى شۇ جايدىكى دارىلئېتام ياكى ئالاقىدار ئورگانلارغا بېرىپ بالىلارنى يوقلاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، خالىس كېسەل كۆرۈش، مېھىر-شەپقەت سومكىسى ئىئانە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

پېڭ لىيۈەن تەشەببۇسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئافرىقىنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى، سەمىمىي ھەمراھى. بۇ يىل جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىغا داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى، جۇڭگونىڭ داۋالاش ئەترىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى خەلق ئاممىسىغا پائال ياردەم بېرىپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنى يەتكۈزۈشنىڭ ئاق خالاتلىق ئەلچىسىگە ئايلاندى. ئافرىقىلىق يېتىم بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيىتىنىڭ بالىلارغا ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزۈپ، ئافرىقىلىق بالىلارنىڭ ساغلاملىقى، بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئافرىقا بىرىنچى خانىملار تەرەققىيات بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، نامىبىيە زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمى گېنگوس ھەمدە بىرلەشمىنىڭ ئەزالىرى بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پېڭ لىيۈەننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئافرىقىنىڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى. نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭلىرى، خانىملىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلار ئۆز دۆلىتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن، تەسىرلىك بولدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: سىرداشلىقنىڭ يىراق-يېقىنى يوق، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقىمىز ئەڭ چوڭقۇر، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئافرىقىغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، ئافرىقا-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پېڭ لىيۈەن ئافرىقىدىكى بىرىنچى خانىملار تەرەققىيات بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە ئافرىقىدىكى يېتىم بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ يولغا قويدى

«1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئافرىقا بىرىنچى خانىملار تەرەققىيات بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو-ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ