ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» فىلىپپىندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 15:42

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ فىلىپپىندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، بۇ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ 15 ئەزا دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدىن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. سائەت نۆلدىن ئاشقاندا داليەن تاموژنىسىغا قاراشلىق داليەن پورتى تاموژنىسى سىستېما ئارقىلىق فىلىپپىنگە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ تۇنجى ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى. بۇ داليەندىكى مەلۇم خەلقئارا سودا كارخانىسى فىلىپپىنغا ئېكسپورت قىلغان بىر تۈركۈم ماشىنا تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بولۇپ، كارخانا باش دىرېكتورى ۋاڭ فېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ گۇۋاھنامە بولسىلا، بۇ ماللارنىڭ فىلىپپىندا تاپشۇرىدىغان ئىمپورت تاموژنا بېجى نىسبىتى %5 تىن بىۋاسىتە تاموژنا بېجى ئالماسلىق مۇئامىلىسىگە چۈشۈرۈلىدۇ. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلغان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، ئەزالار ئارىسىدىكى مال سودا تەننەرخى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، رايون ئىچىدىكى %90 تىن ئارتۇق مال سودىسىدا تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» فىلىپپىندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ فىلىپپىندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى،