ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى
شېنجۇ 15-نومۇرنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بېيجىڭغا تىنچ ئامان يېتىپ كەلدى
شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا تىنچ-ئامان يېتىپ كەلدى. بوشلۇق پونكىتىنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىدىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رەھبەرلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئايرىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىگە كىرىدىكەن، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك تېببىي تەكشۈرۈلىدىكەن ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن باھالىنىدىكەن ھەمدە دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بېيجىڭدا تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت