ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېغىر تىپتىكى گاز تۇربىنىسى «تەيخاڭ 110» باھالاشتىن ئۆتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:37

6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە 110 مىگاۋات دەرىجىلىك ئېغىر تىپتىكى گاز تۇربىنىسى «تەيخاڭ 110» ئېغىر تىپتىكى گاز تۇربىنىسى مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈش، باھالاشتىن ئۆتۈپ، ئوخشاش دەرىجىلىك قۇۋۋەتتىكى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. بۇ ئېغىر تىپتىكى گاز تۇربىنىسى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە موتورى شىركىتىدە تەتقىق قىلىنىپ ياسالدى، بىر قاتار ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئۇ يېقىلغۇ ماي، تەبىئىي گاز قاتارلىق كۆپ خىل يېقىلغۇلار ئارقىلىق توك تارقىتىدۇ، گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىر سائەتتە تارقىتىدىغان توككى 150مىڭ كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدۇ، ھازىر ئاز ساندىكى دۆلەتلەرلا بۇنداق مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېغىر تىپتىكى گاز تۇربىنىسى «تەيخاڭ 110» باھالاشتىن ئۆتتى

6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە 110 مىگاۋات دەرىجىلىك ئېغىر تىپتىكى گاز تۇربىنىسى «تەيخاڭ 110» ئېغىر تىپتىكى گاز تۇربىنىسى مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈش،