ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 10:02

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇردى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىگە، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىگە ،خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، تۈزىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

باش تېما تەربىيەسىدە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆمەك باشلاپ 28 قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلەر 180 قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش»مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلەر توققۇز ئۆلكىدىكى 19 شەھەرگە بېرىپ، 23 مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 40 كارخانىنى زىيارەت قىلدى. ھەم ئۆلكىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئومۇمىيلىقنى ئىگىلىدى، ھەم ناھىيە بازىرىغا بېرىپ نۇقتىدا تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى تەھلىل قىلىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ھاسىل قىلدى.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خۇەنتېڭ مۇنداق دېدى: بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كەمتۈكلۈك ئاجىز تۈرلەرنى تېپىپ چىقىپ، قىيىن نۇقتىلارنى تەھلىل قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلىدۇق.

قانداق قىلغاندا تۈزۈم قاتلىمىدىن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ؟ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلەر چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئومۇمىي خىزمەت لايىھەسى ۋە يېقىنقى مەزگىللىك تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، دىققەتنى يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازارنى بۆلۈۋېتىش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى.

كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى جېڭ شەنجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى ۋە يوليورۇقلىرى، تەستىقلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى يىللىق ھەم ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسەت تەتقىقاتى، پىلان تۈزۈش، زور مەبلەغ سېلىش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيدۇ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ ئىش، قىيىن ئىش، جىددىي ئىشلارغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىش قۇۋۋىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ياخشىلايدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.