ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ يېڭى پارتىيە رەئىسى ۋۇ چېڭديەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 10:01

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا يېڭى پارتىيە رەئىسى ۋۇ چېڭديەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تەڭ يارىتىمىز.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز» تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش «ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىمىز، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىل ئورتاق تونۇشى »دا چىڭ تۇرىمىز، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى ۋە بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىمىز، ئارالدىكى ۋەتەنپەرۋەر بىرلىككە كەلتۈرۈش كۈچلىرىنى قەتئىي قوللايمىز، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى« بۆلگۈنچىلىكى ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز.

ۋۇ چېڭديەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلىككە كېلىش تارىخىي يۈزلىنىش، تەيۋەن بىرلىككە كەلگەندىلا چىقىش يولى بولىدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ يېڭى پارتىيە رەئىسى ۋۇ چېڭديەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا يېڭى پارتىيە رەئىسى ۋۇ چېڭديەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.