ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 10:01

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى كلىنبېر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەلەر ئارا ئالاقە جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەت قالايمىقان، مۇرەككەپ بولماقتا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم ئاساسىنى تەڭ قوغداشنى خالايدۇ. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇھىم تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كلىنبېر مۇنداق دېدى: گېرمانىيە 7-نۆۋەتلىك گېرمانىيە-جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىگە پائال تەييارلىق كۆرمەكتە، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有