ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خېيلۇڭجياڭ زور كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىدا ماڭماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-12 09:53

باش شۇجى شى جىنپىڭ «خېيلۇڭجياڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى ئۇلتېشى بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېيلۇڭجياڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، چاڭئې ئاي شارىنى تەكشۈرۈش، مارسنى تەكشۈرۈش، «كۈرەشچى» ناملىق چۆككۈ قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 150 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇدا 13 يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىغا تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك «خېيلۇڭجياڭ ئاشلىقى»نى قاچىلىدى.

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تەكشى تاختا شەكلىدىكى يېڭى تۈزۈلمىلىك خەۋەرلىشىش تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى «لۇڭجياڭ 3-نومۇر» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، «لۇڭجياڭ 3-نومۇر»نى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان خاربىن سانائەت داشۆسى سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن جيەن مۇنداق دېدى: بۇ خىل سۈنئىي ھەمراھ ئۆزگىچە قۇرۇلمىلىق لايىھەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە: يەنى بارلىق ئۈسكۈنىلىرى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تەكشى تاختا ئۈستىگە ئورناتقىلى بولىدۇ، بۇ خىل سۈنئىي ھەمراھ شەكلى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا بەك ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل تەكشى تاختا شەكلىدىكى سۈنئىي ھەمراھنى ئۈستى-ئۈستىگە قاتلاپ قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، قويۇپ بېرىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، خاربىن سانائەت داشۆسى سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 100 دىن ئارتۇق سودا سۈنئىي ھەمراھىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ياسىمىچىلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. خېيلوڭجياڭ تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا قۇدرەت تېپىشنى چۆرىدەپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى، خېيلوڭجياڭدا ھازىر يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسى 3605 كە يېتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى مەملىكەت بويىچە 10-ئورۇندا تۇردى.

چىچىخار شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو 1-ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى-ئېلىمىز ئېغىر جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ بۆشۈكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو 1-ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تېخنىكا توسۇقىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر سانائەتنىڭ ئوبرازىنى يېڭىلىدى. مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، جۇڭگو 1-ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇيما پولات سۇ پرېسى بازغانلاش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ بومىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ تەرەققىياتى يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ كونۇسسىمان پۈتۈن جىسىم، يەنە بىر مىليون كىلوۋاتلىق تۆۋەن بېسىملىق پىرقىرىغۇچ بار، ياپونىيە شىركەتلىرى مونوپول قىلىۋالغان چاغدا 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىدى، بىز 10 يىل تىرىشىپ ئۇنى ياسىغاندىن كېيىن 20 مىليون نەچچە مىليون يۈەنگە چۈشتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئالدى بىلەن تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك، مەھسۇلاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىنسا، ئۈنۈممۇ تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

جۇڭگو 1-ئېغىر سانائەت گۇرۇھى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، «ئەگىشىپ مېڭىش»، «تەڭ مېڭىش»تىن «باشلامچى بولۇش»قا ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «خۇالۇڭ 1-نومۇر»، «گوخې 1-نومۇر»، «لىڭلۇڭ 1-نومۇر» قاتارلىق تۇنجى يۈرۈشلۈك ئاساسىي ئۈسكۈنىلەر ۋە ئاساسىي سوقما دېتاللارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىنىپ، توققۇز تۈرلۈك يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، 24 تۈرلۈك زور پەن-تېخنىكا نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئالتۇن كۈزدە، سۇڭخۇاجياڭ-نېنجياڭ تۈزلەڭلىكىدىكى شال، كۆممىقوناق، دادۇرلار بولۇق ئۆستى. قانداق قىلغاندا قارا تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەيلۈن يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە تەجرىبە پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي ئىنژېنېر خاۋ شياڭشياڭنىڭ تەتقىقات مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. ئۇ قارا تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئىنچىكە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، خېيلۇڭجياڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار» تەرەققىياتنىڭ «ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارى»غا ئايلاندى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى كېيىنكى قەدەمدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكە بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىغىنى ئېچىپ، خېيلۇڭجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت-ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، خېيلۇڭجياڭچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خېيلۇڭجياڭ زور كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىدا ماڭماقتا

باش شۇجى شى جىنپىڭ «خېيلۇڭجياڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى ئۇلتېشى بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.