ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

18-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ بايلىقى يىغىنىدا جۇڭگونىڭ سۇ تىزگىنلەش نەتىجىلىرى نامايەن قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-14 09:12

18-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ بايلىقى يىغىنى ھازىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون، 30 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 1300 گە يېقىن ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن سۇ ساھەسىدىكى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى ئاقىل سۇچىلىقى قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ سۇ تىزگىنلەش نەتىجىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلىرى تولۇق نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا بىلەن جۇڭگونىڭ سۇ تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندى.

18-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ بايلىقى يىغىنىدا تەسىس قىلىنغان سۇغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، جۇجياڭ سۇچىلىق پەن تەتقىقات يۇرتى «ئاقىل سۇچىلىق» ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىش تېرمىنالى ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ كەلدى، كۆرگەزمە سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى ماۋ لياڭمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەشيا-ئوبوروت تورى، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە بۈيۈك مەلۇمات تېخنىكىسىغا تايىنىپ، دەريا، كۆل باشلىقى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، سۇ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق سۇچىلىق كەسپىدە قوللىنىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇچىلىق سۇپىسى بەرپا قىلىندى. ئۇ يامغۇر مىقدارى، سۇ ئورنى، سۈرەت، ۋىدېيو قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى سۇپىغا ئاپتوماتىك يوللايدۇ، بىر ئادەم تۆت، بەش يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ ئۈسكۈنىنى باشقۇرالايدۇ، ھازىر بىزنىڭ بۇ ئۈسكۈنىمىز مەملىكەت بويىچە 30 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئورنىتىلدى.

سۇ تېجەش-سۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. كۆرگەزمە رايونىنىڭ بىر بۇرجىكىدە مەخسۇس سۇ تېجەشنى تەتقىق قىلىدىغان بىر كارخانا يېزىلاردىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلغار تېخنىكىسىنى نامايەن قىلدى. كارخانىنىڭ ئالىي سېتىش دىرېكتورى ۋاڭ خۇڭمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەڭ يېڭى ياخشىلانغان بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى سۇ بايلىقىدىن تەكرار پايدىلىنىش ۋە پاسكىنا سۇنى سىرتقا چىقارماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانا يەنە يېزا ئىگىلىك بۇلغىمىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاسراش، باشقۇرۇش ئەمەلىي سۇپىسىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.

نۆۋەتتە، ئېلىمىز يەر شارىنىڭ %6نى ئىگىلەيدىغان تاتلىق سۇ بايلىقى ئارقىلىق، %20كە يېقىن ئاھالىنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يەر شارىنىڭ %18تىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىنى يارىتىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر پىلانلاش، لايىھەلەش باش يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلقئارا سۇ بايلىقى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى يۈەنيۈەن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز «سىستېمىسى مۇكەممەل، بىخەتەر، ئىشەنچلىك، تۈجۈپىلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئايلىنىشى راۋان، تەڭشەپ تىزگىنلەش تەرتىپلىك» بولغان دۆلەت سۇ تورى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە. غايەت زور ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى باشقۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ۋاسىتە، ئۇسۇل ۋە تېخنىكا بولۇشى كېرەك، شۇڭا ھازىر رەقەملىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، رەقەملىك سۇ تورى قۇرۇلۇشىدا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق بۇ ئۇل ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش، تەڭشەش، يۈرۈشتۈرۈش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا ئۇل ئەسلىھەلەر تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئارقىلىق ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

18-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ بايلىقى يىغىنىدا جۇڭگونىڭ سۇ تىزگىنلەش نەتىجىلىرى نامايەن قىلىندى

18-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇ بايلىقى يىغىنى ھازىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون، 30 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 1300 گە يېقىن ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى