لى چياڭ زامبىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن زامبىيە چوڭقۇر دوستلۇق ئەنئەنىسى ۋە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە يېڭى پىلان تۈزدى. جۇڭگو زامبىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان زامانىۋىلىشىش يولىدا مېڭىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
خىچىلېما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زامبىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. زامبىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، «جۇڭگو قەرز تۇزىقى نەزەرىيەسى»گە قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل