ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈجۇ شەھىرىدە يەتكۈزۈلدى
خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇنجى مۇسابىقە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو كوماندىسى نۇرغۇن تۈرلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى جېجياڭنىڭ چۈجۇدا يەتكۈزۈلدى.
چۈجۇدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش لىنىيەسى چۈجۇدىكى كۇڭ جەمەتى نەنزۇڭجيا بۇتخانىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى، چۈجۇ شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتى مەيدانىنى ئاخىرقى نۇقتا قىلىپ، نەنكۇڭ قەدىمىي شەھىرى بىلەن ئاقىل يېڭى شەھەرنى تۇتاشتۇردى، بۇ چوڭقۇر تارىخقا ئىگە يولنى بويلاپ يۈگۈرۈپ كېلىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇنجى مۇسابىقە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، ساھىل ۋالىبولى، پالاق توپ، ۋالىبول، پۇتبول مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن باشلاندى. ساھىل ۋالىبولى ئەرلەر گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ E گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسىدىن ۋاڭ يەنۋېي، لى جيې گۇرۇپپىسى پەلەستىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئاخىرىدا ئۇلار 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى. لى جيېنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزى ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
9-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر پۇتبول گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 1 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ھىندىستان كوماندىسىنى يەڭدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل