پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى بارلىق ۋەكىللەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئارقىلىق مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مېيىپلەرنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى ئورتاق يارىتىمىز.
ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سۆزىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مېيىپلەر توپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقى نامايان قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى ۋەزىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدى، ئىلھاملاندى. خېنەن ئۆلكىلىك ئەمالار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جېڭجۇ شەھەرلىك ئالاھىدە مائارىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋېي چيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مەخسۇس يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مېيىپلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلغانلىقى مېنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، مېيىپلار مائارىپى خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىم ۋە كۈچۈمنى تېخىمۇ ئاشۇردى. مەن چوقۇم مېيىپ ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يۇرتۇمغا يەتكۈزىمەن.
جياڭشى ئۆلكىسى يىڭتەن شەھىرى ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ساۋ يۇخۇڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى مېيىپ بالىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، مېيىپ بالىلارغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بېرىپ، بارلىق بالىلارنى بەختلىك، گۈزەل بالىلىق دەۋرگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
سۆزدە مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، قىممەت يۆنىلىشى، تارىخىي بۇرچى ۋە نىشان ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ مېيىپلار ئىشلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. ما چىخۇڭ گەنسۇنىڭ تيەنشۈيدىن كەلگەن مېيىپلار ۋەكىلى، شۇنداقلا يېزا دوختۇرى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ 25 يىلدىن بۇيان، مەن جەمئىي 600 مىڭدىن ئارتۇق بىمارنى ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلىپ، راك كېسىلى، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 16 ئېغىر بىمارغا ھەقسىز ياردەم بەردىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ۋەكىللىك ئورنۇمدا مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن.
ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئولانخات شەھىرىدىن كەلگەن ۋەكىل فېڭ فا 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇۋۇلاش تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، بويۇن، مۈرە، بەل، پۇت ئاغرىقى بىمارلىرىنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇردى، يەنە 3000 دىن ئارتۇق مېيىپ كۇرسانتنى ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى. فېڭ فا مۇنداق دېدى: ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاپ، ئۆز قولىغا تايىنىپ ھەقىقىي ماھارەت، ھەقىقىي تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە بىز پۈتۈن مەملىكەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سۆزىدە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك مېيىپلار بىرلەشمىلىرى قاتارلىقلارغا ئېنىق تەلەپ قويۇلۇپ، مېيىپلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىد بىلدۈرۈلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مېيىپلەرنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى ئورتاق يارىتىمىز. چىڭخەي ئۆلكىلىك مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: مېيىپلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېيىپلار بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك، ۋاسىتە. مەنمۇ ئۆز خىزمىتىمدە ئۇنىۋېرسال ساپايىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، مېيىپ دوستلار ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان سىرداشلاردىن بولىمەن.
ئەنخۇي ئۆلكىسى تۇڭلىڭ شەھەرلىك روھىي مېيىپلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ لياڭفۇ مۇنداق دېدى: مېيىپلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە مېيىپلار خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېيىپلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئىشلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى جەمئىيەتكە ئارىلاشتۇرۇش تۈرىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، يېشى چوڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ياشاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇلارنى ئۆمۈرلىك قوللاش ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشتۈرۈپ، ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېگىشلىك قىممىتىنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل