ئاسىيا تەنھەرىكەت كەنتى سىزنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ
خاڭجۇ 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا، ئاسىيا تەنھەرىكەت كەنتىگە ئورۇنلاشقان نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە كوماندا ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت كەنتىدە يېڭىچە تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى، خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە زور ئۈمىد باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىدە، كۆلىمى 8000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە، نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر ئۆزىگە مەشىق پىلانى ئورۇنلاشتۇردى؛ سودا كوچىسىدا ساتىراشخانا، قەھۋەخانا، مەدەنىيەت ئۆيى نۇرغۇن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. مالدىۋې ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى تاخ ئەھمەد سەئىد: خاڭجۇغا كەلگەندىن بۇيان، مەن ئاللىقاچان كۆچمە چىقىم قىلىش ماھىرى بولۇپ قالدىم، دېدى.
«يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تېجەشلىك، مەدەنىي» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسى ۋە «ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتى خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە نامايان بولدى. «ئەقلىي ئىقتىدار»نى ئېلىپ ئېيتساق، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھەلەرنى سىناش مەركىزىدە، ماشىنا ئادەم پىيانىنو چالالايدۇ، ئادەم بىلەن تىكتاك توپ ئوينىيالايدۇ، ماشىنا ئىت ئۇسسۇلغا جور بولىدۇ، ماروژنى ماشىنىسى يەنىلا ئاپتوماتىك يۈرۈشىدۇ. ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن كەلگەن تىرېنېر رېزاي بىلەن ئىككى تەنھەرىكەتچى 3D ھەقىقىي ئادەم مودېلىنى بېسىپ چىقىرىشنى مۇھاكىمە قىلىۋاتاتتى، پەقەت بىر نەچچە سېكۇنتتىلا تەسۋىر كۆچۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىنىپ، ھەقىقىي ئادەم ئىستېرېئولۇق مودېلى ياساپ چىقىلدى. رېزايى ھاياجانلىنىپ: بۇ ھەقىقەتەن گۈزەل خاتىرە بولدى، بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل 3D مودېلىنى كۆرۈشىمىز، بۇ بەك قالتىس، بەك قىزىقارلىق بولدى، بىز ئۇنى دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كېتىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە تەنھەرىكەتچىلىرىمىزگە بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىمىز. راستتىنلا بەك قىزىقارلىق بولدى، دېدى.
ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىدە نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مۇسابىقىگە زور ئۈمىد باغلىدى. ئىراننىڭ ۋالىبول تەنھەرىكەتچىسى ئامىر ھۈسەيىن ئېسفەندىيا مۇنداق دېدى: بىز ئەلۋەتتە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز، لېكىن بۇ تەنھەرىكەت، بىز كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. لېكىن بىز چوقۇم ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرىمىز.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت