لى شى كۇبادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە كۇبادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى.
لى شى كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىياس كانېل بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى شى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىز بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-كۇبا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردىڭلار. جۇڭگو كۇبا بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قوللاپ، ئۆز پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو كۇبا بىلەن بىللە دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
دىياس كانېل لى شىغا باش شۇجى شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى ۋە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو «جەنۇبىي دۇنيا» دۆلەتلىرى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كۈچلۈك قوغدىدى. كۇبا جۇڭگونىڭ كۇبانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كۇبا جۇڭگونىڭ كۇبا خەلقىنىڭ بىر تەرەپلىك قامال قىلىش، جازالاشقا قارشى تۇرۇش ھەققانىي كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان زور دۇنيا تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ. 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.
كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ شۇجىسى مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ يەنە جۇڭگو دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى بىلەن كۇبا باش ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىشىغا گۇۋاھ بولدى.
لى شى كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى رائول كاستىرونى يوقلىغاندا مۇنداق دېدى: يولداش رائول جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تارىخىي تۆھپە قوشقان. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو كۇبا بىلەن قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ـ كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. رائۇل جۇڭگولۇق يولداشلار بىلەن ئالاقە قىلىش كەچۈرمىشىنى چوڭقۇر ئەسلىدى. كۇبانىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رائۇل يەنە لى شى بىلەن بىللە فىدېل كاسترو مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
لى شى كۇبادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئىنقىلابىي تاۋلىنىش ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسى تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى دەپ كۆرسەتتى. كۇبا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى.
لى شى يەنە جوس مارتى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى، جوس مارتى خاتىرە سارىيى ۋە فىرانك پايىس يېزا ئىگىلىك ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت