ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شەنشى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-20 16:25

شەنشى ئۆلكىسى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا بايلىقى ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئېكولوگىيەلىك تۇپرىقىنى كەڭ زېمىنغا كېڭەيتتى.

شەنشى ئۆلكىسى «چىن چۇاڭيۈەن» فېڭدۇڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپ باغچە رايونىدا، تولۇق ئاپتوماتىك لازېر نۇرلۇق قارشىلىق تەڭشەش ماشىنىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. 2 مىللىمېتىر چوڭلۇقتىكى نېپىز پەردىلىك پىلاتىنا ئېلېكتىر قارشىلىقلىق سېنزور ئۆزەك گەۋدىسى تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى، ئۇ ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى، ئاپتوموبىل سانائىتى، بىيو داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. شىئەندىكى مەلۇم پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جىن شىنخاڭ مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق نېپىز پەردە تېمپېراتۇرىسىغا سەزگۈر قاپلانغان ئۆزەك ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بولۇپ، چەت ئەلنىڭ 30 يىلغا يېقىن مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئېلىمىز ھەر يىلى مۇشۇنداق سېنزوردىن 800 مىليونغا ئېھتىياجلىق، ئىلگىرىكى 20 مىليارد يۈەنلىك بازارنى چەت ئەل كارخانىلىرى بۆلۈشۈۋالغان. 2021-يىلى، غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى ماشىنا ئېلېكتىر شۆيۈەنىنىڭ «نېپىز پەردە تېمپېراتۇرىسى ۋە بېسىم سېنزورى» تۈرىگە ئالاقىدار پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېنزور ئۆزىكىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ياساش جەھەتتىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. تېما مەسئۇلى غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى ماشىنا ئېلېكتىر شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى لو جيەن تونۇشتۇرۇپ: پەن تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگىچە بىر يىلمۇ ۋاقىت كەتمىدى،دېدى.

شەنشى يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم «0 دىن 1 گىچە» ئىجادىي نەتىجىلەرنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، زور پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھە توپى بەرپا قىلدى. شىئەن كەلگۈسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى دۆلەتنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى ھېسابلاش كۈچىنى ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىغا تاللاندى. شىئەن كەلگۈسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزىنىڭ باش تىجارەت ئەمەلدارى جاڭ يۈنپېڭ: مەملىكەت بويىچە 180دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ، ئورۇن ۋە كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز، دېدى.

مەلۇم ئاپتوموبىل باۋجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتىنىڭ يېڭى كەپشەرلەش سېخىدا، 300دىن ئارتۇق كەپشەرلەش، يۆتكەش، يېلىم سۈركەش، ئۆلچەش ماشىنا ئادىمى توختىماي مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. باۋجىدىكى مەلۇم ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لەن چۈنجيەن مۇنداق دېدى: پەقەت 18 ئادەم پۈتۈن سېخنى يۈرۈشتۈرەلەيدۇ، ھەر 90 سېكۇنتتا بىر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.

شەنشى نۇقتىلىق كەسپلەر ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تېخنىكىلىق قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «پەن تېخنىكا مۇكاپاتى»، زاكاز بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى يولغا قويدى. شەنشى ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: شەنشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئارقىلىق نامايان قىلىنماقتا.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شەنشى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى

شەنشى ئۆلكىسى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا بايلىقى ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى،