ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» چۈشەندۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-20 16:25

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەتلىك كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى چۈشەندۈردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «پىكىر»دە كان بىخەتەرلىكىنى تۈزەش ئەندىزىسىنىڭ ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزگىرىشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كان بىخەتەرلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلگەن.

دۆلەتلىك كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە «ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تىپىنى ئۆزگەرتىش» چۆرىدىلىپ، مۇنداق بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەۋپ خەتەرنى يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىدا تۈگىتىش، يوشۇرۇن خەۋپنى ھادىسىنىڭ ئالدىدا تۈگىتىش كېرەك. كانلارنىڭ يوشۇرۇن ئاپەت پەيدا قىلىش ئامىللىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، زور ئاپەتلەرنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش، ئالدىن تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يوشۇرۇن ئاپەت ئامىللىرى ئېنىقلانمىغان، تۈزەش جايىدا بولمىغانلارنىڭ قېزىش مەشغۇلاتى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۈستى ئوچۇق كانلارنىڭ يانباغرى، قالدۇق قېزىلما ئامبىرى توسمىلىرىنى توردا كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قۇدۇق ئاستىدىكى بارلىق مەشغۇلات ئورۇنلىرىدا «نازارەتسىز مەشغۇلات قىلماسلىق»نى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، «پىكىر»دە كانلارغا چېتىشلىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باش ئىشتابى ۋە كانغا چېتىشلىق چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلاردىن بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى سەپلەش ئېنىق تەلەپ قىلىندى، بۇ دۆلەت قاتلىمىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەتلىك كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى كۆمۈركاندىن باشقا كانلارنىڭ بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى فېڭ مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى تۈزۈمىنى ئورناتقان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن، بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان كان جەھەتتىكى بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك كارخانىلارنى قېزىپ چىقىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇ تەدبىرنىڭ مەملىكەت بويىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ھازىر مەملىكەت بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر كان ئىش ئورنىدىن 1400ى بار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر كان ئىش ئورنىدىن 730ى بار بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى %59.5نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتلىك كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى بىخەتەرلىك ئاساسىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سۈن چىڭگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە قانۇن-نىزام ئۆلچىمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئاپەت ئېغىر بولغان كان قۇدۇقلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇش، زىياننى ئازايتىپ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز كان رايونلىرىدا يىراق مۇساپىلىقلاشتۇرۇپ دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە مەشغۇلات قىلىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ ئاشۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باھالاش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دەل جايىدا قوللاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇش، دائىملاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈردى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» چۈشەندۈرۈلدى

كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، «پىكىر»دە كانلارغا چېتىشلىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باش ئىشتابى ۋە كانغا چېتىشلىق چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلاردىن بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى سەپلەش ئېنىق تەلەپ قىلىندى،