قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى
قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «قاتناش تىرانسپورتنى خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش»نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن جايلاردا ئۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، قىسمەن رايونلاردىكى يول، كۆۋرۈكلەرنىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەق مەيدانغا بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تاشيول ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو شېڭ مۇنداق دېدى: دەرھال ھەرىكەت قىلىپ، ئاپەت زىيىنىنى تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەسلىھە تورىنىڭ ئومۇمىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى باھالاشنى تەتقىق قىلىپ، ئاساسلىق يوللارنىڭ تېخنىكا دەرىجىسى ۋە مۇداپىئە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق؛ مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ يېزا تاشيوللىرىغا قارىتا توسما قۇرۇلۇشى، كۆۋرۈك، تونېل، بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىش ۋە قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق.
قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقالغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىپ ئارام ئېلىشى قىيىن بولۇش، قاتناش تىرانسپورت يېڭى كەسىپ ھالىتى سۇپىسىغا كىرىش تەس بولۇش قاتارلىق خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تىرانسپورت مۇلازىمىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ بو مۇنداق دېدى: ئاساسلىق توردا ماشىنا چاقىرىش ئاپتوموبىل سۇپىسى شىركەتلىرى، ئىنتېرنېت يول يۈك تىرانسپورت سۇپىسى شىركەتلىرى ئېلانلىرىنىڭ بېرىلىش نىسبىتى ياكى ئەزالىق ھەققى يۇقىرى چېكىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك بىر پوئىنتتىن ئۈچ پوئىنتقىچە بولدى. 1300دىن ئارتۇق «شوپۇرلار ئائىلىسى»نىڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى تېخىمۇ ئەرزان، بىخەتەر، ئەمەلىي ئاپتوموبىل توختىتىش، ئارام ئېلىش، يېمەك ئىچمەك، كىر يۇيۇش، يۇيۇنۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شوپۇرلارنى يولدا «ئىللىق ئائىلە» گە ئىگە قىلدۇق.
باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يېزا يولۇچى، يۈك، پوچتا ئىشلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش، يۈك تىرانسپورتى، ئەشيا ئوبوروتى، يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» قىيىن مەسىلىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلدى. گاۋ بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ يولۇچى، يۈك، پوچتا يۈرىشىش مېخانىزمى، ئۇل ئەسلىھە، تىرانسپورت لىنىيەسى، يۈرىشىش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش بىلەن يۇغۇرما تەرەققىياتنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر-يېزا قاتناش-تىرانسپورتىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگىلىك ناھىيە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى داڭلىق ماركىسىنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، «يېزىلارنىڭ يولۇچى، يۈك، پوچتا ئىشلىرىنى بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ كىچىك كۆزنەكتىن پايدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىمىز.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل