ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-21 17:01

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، «كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش نىزامى (لايىھە)»سى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئېلىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سانائەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئەۋزەللىكنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئەۋزەللىك يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق كەسىپلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ ھېسابىدىكى پۇلنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە مەبلەغ سېلىش مۆلچەرىگە، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز رايونىنىڭ قەرز ئېنىقلاش خىزمىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇپ، ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇل مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، كارخانىلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى باشلامچىلىق بىلەن قايتۇرۇشى كېرەك. ماھىيەتلىك قايتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئېنىقلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېنىقلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرگە جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېقىندىن دىققەت قىلىپ، «مەسىلە تىزىملىكى»نى «مەسئۇلىيەت تىزىملىكى» قىلىپ، بىرمۇ بىر چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، تۈزىتىش ئەھۋالىنى دەل ۋاقتىدا قايتا تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ توپلىغان تەكلىپ-پىكىرلەرگە قارىتا، مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاشقا بىرلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش ئويلىشىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداشنىڭ قانۇنچىللىق تىرىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى نىزامنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەش ۋە مەدەت بېرىش كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى،