لى چياڭ گىرېتسىيە زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 51 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە داۋاملىق بەخت ياراتتى. جۇڭگو گىرېتسىيە بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك ياخشى ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو گىرېتسىيە بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، پىرائېئۇس پورتى تۈرىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە يۈرۈشتۈرۈپ، پاراخوت، سۇ تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، ئېنېرگىيە، تېلېگراف، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق پايدا ئېلىش نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، ساياھەت، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەنتەربىيە قاتارلىق ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىللىق «جۇڭگو-گىرېتسىيە مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو گىرېتسىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
مىتسوتاكىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پۇختا ئاساسقا ئىگە. گىرېتسىيە جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۆجىزىلىرىگە قايىل، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش، سۇ تىرانسپورتى، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. گىرېتسىيە جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ گىرېتسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. گىرېتسىيە ياۋروپا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى بىرلىكتە قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مىتسوتاكىسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ۋۇ جېڭلوڭ بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت