جاۋ لېجى گىرېتسىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
ئىستانسىمىز خەۋىرى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس بىلەن كۆرۈشتى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە دۆلىتىڭلار رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى سىجىل چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو گىرېتسىيە بىلەن ياخشى ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، جۇڭگو-گىرېتسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى گىرېتسىيە پارلامېنتى بىلەن بولغان كۆپ قاتلاملىق دوستلۇق ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت سورۇنلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ.
مىتسوتاكىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگو مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. گىرېتسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش، ئىقتىساد-سودا، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
خې ۋېي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مىتسوتاكىس خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت