ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-04 10:01

ئىستانسىمىز خەۋىرى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتەك يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق كۆلىمى، ساھەسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، سەۋىيەسى بارغانسېرى ئېشىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات ھەمراھىغا ئايلاندى. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ. بىز سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىلىرىنى يارىتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق، مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 10-ئايدا ئېچىلغان 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى قوللاشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى جاكارلىدى. بىز لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت يارىتىشنى خالايمىز.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا «ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېما قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلەندى. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىدىكى 26 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سودا - سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار، مۇتەخەسسىس-ئالىملار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.