ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا ئەركىن سودا سىناق رايونى رەسمىي قۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-05 16:50

1-نويابىر دۆلىتىمىزدىكى 22-ئەركىن سودا سىناق رايونى - شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ رەسمىي قۇرۇلدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا تەسىس قىلغان تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇپ قالدى.

سودا مىنىستىرلىقى: ئامىللارنىڭ توپلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 129 تۈرلۈك ئىسلاھات نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 1-نويابىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بايلىق ئامىللىرىنى جەلپ قىلىپ، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايمىز.
يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى دۆلەت يۈكلىگەن 129 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ ۋە رايون تەرەققىياتى سىياسىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا چەت ئەل مەبلىغى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، تەتقىقات خىراجىتى، مەخسۇس تەتقىقات خادىملىرىنىڭ سانى، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجازەت شەرتىنى تۆۋەنلىتىمىز.

پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، چېگرا سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا بانكا، سۇغۇرتا، ئاكسىيە قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ياخشى «قاتتىق دېتال» مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز.

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇپ، «شەرقىي رايونلارنىڭ رەقەم بايلىقىنى غەربىي رايونلارغا يېتەكلەش» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى ئۇل ئەسلىھەلىرىدە تۆۋەن كاربونلۇق، يېشىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. خەلقئارا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشىنى قوللايمىز.

ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىشتات، پەن تەتقىقات خىراجىتى قاتارلىق ئىختىساسلىقلار ئىسلاھات سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەللىك يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىقتىساد-سودا پائالىيىتى قاتارلىقلارغا چېگرادىن كىرىش-چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى قوللايمىز.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو تىڭتىڭ: بۇ سىناق نۇقتا ۋەزىپىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىدۇ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى، كاپىتال ۋە تېخنىكىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جەلپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ رولىنى قوزغىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ.

سودا مىنىستىرلىقى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تاشقى سودىدا ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز

يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى رايونى، قەشقەر رايونى، قورغاس رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايوندىن تەركىب تاپقان. بۇ ئۈچ رايوننىڭ ھەممىسىدە نۇقتىلىق تۈگۈن پورتى بار.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېگرا ئېغىزى ۋە ئۆتەر يول ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تاشقى سودىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئىچكى-تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تاشقى سودىدا ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز.

تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قولايلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، خەلقئارا سودىدا «يەككە كۆزنەك» قۇرۇشنى تېزلىتىپ، چېگرا پورتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يول»ى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مۇھىم كان مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا «پورت+مال چۈشۈرۈش ئورنى» بىرلەشمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويىمىز. ئىسپات بېرىش، ئېتىراپ قىلىشنى تېزلىتىش جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ كېلىشىمنامىسى ئىمزالاشنى تېزلىتىمىز. ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پىرىيوم-كارانتىن بويىچە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇن-نىزام ئۆلچىمى بويىچە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىمىز.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ رېمونت مەھسۇلاتلار مۇندەرىجىسى بويىچە، «ئىككى ئۇچ» سىرتتا بولغان قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، رېلىسلىق قاتناش، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى قاتارلىقلارغا دائىر باجدىن خالىي رېمونت كەسىپلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايمىز؛ يەر شارى بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇلاپ توشۇش، يىغىپ توپلاش ۋە خەلقئارا بۆلۈپ تارقىتىش كەسپىنى يېتىلدۈرىمىز. چېگرا ئامبارلىرى ۋە چەت ئەل ئامبارلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ ئامبارلىق بىرلەشمە چېگرا ھالقىغان يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازار ئېچىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنىڭ تولۇق كەسىپ زەنجىرى ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ئۆلچىمى بىلەن خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى-تاشقى ئۆلچەملەرنىڭ بىردەك بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تايىنىپ ئېچىۋېتىلگەن ئالاھىدە كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز

گوۋۇيۈەن يېقىندا تارقاتقان «جۇڭگو ( شىنجاڭ ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»دە، «ئۆزگىچە كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش» جەھەتتە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا 19 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەندى. سودا مىنىستىرلىقى 1-نويابىر ئاچقان مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى كېيىنكى قەدەمدە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىلگەن ئۆزگىچە كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز، دېدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كىيىم-كېچەك قاتارلىق توقۇمىچىلىق تېرمىنال كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى بەرپا قىلىمىز؛ ئۈزۈم ھارىقى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ ئۆلچەملىشىش، كۆلەملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈمىز، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق بازىسى ۋە رەڭلىك مېتال كەسىپ بازىسى قۇرىمىز. ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا مەدەت بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تولۇق كەسىپ زەنجىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۆزگىچە تېببىي دورا كۆپ مىقدارلىق خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى سىستېمىسىغا يۇغۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى تۈگۈنى بەرپا قىلىمىز. خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك رەقەملىك سودا قائىدىسىگە ماسلىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سانلىق مەلۇمات، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي: بىز يەنە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى، كۆرگەزمە ئىقتىسادى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىك، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ۋە ئىشەنچىسى يەنىمۇ ئۇرغۇتىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا ئەركىن سودا سىناق رايونى رەسمىي قۇرۇلدى

1-نويابىر دۆلىتىمىزدىكى 22-ئەركىن سودا سىناق رايونى - شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ رەسمىي قۇرۇلدى،