جاۋ لېجى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن جىنشيۇ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى نۇەن فۇجۇڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە باشتىن-ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاندى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋىيېتنام پارلامېنتى بىلەن ھەر قايسى قاتلامدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
چېن جىنشيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچى ۋە قوللىشىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت