پۈتۈن يىلدا ئاشلىق مەھسۇلاتىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلىشتىن ئۈمىد بار
يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى ياخشى ساقلاش ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ». بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى مەركەز قىلغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، پۈتۈن يىلدا ئاشلىق مەھسۇلاتىدا يەنە تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشتىن ئۈمىد بار.
ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش باشتىن-ئاخىر يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. بۇ يىل ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا خۇاڭخې، خۇەيخې دەريالىرىدا ئاز كۆرۈلىدىغان قاتتىق يامغۇر، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمالنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئېغىر كەلكۈن، غەربىي شىمالدىكى قىسمەن جايلاردا قۇرغاقچىلىق قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بەردى. ھازىر كۈزلۈك ئاشلىق ئاساسىي جەھەتتىن يىغىۋېلىندى. تاڭ رېنجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىپ، مەھسۇلاتنى داۋاملىق ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار. پۈتۈن يىلدا ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا، ئېشىش بىلەن كېمىيىش بالانس بولدى، ئاشلىق داۋاملىق 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىشتىن ئۈمىد بار.
بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيتىلدى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، نۆۋەتتە %63.5 كۆزىتىش ئوبيېكتىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى تۈگىتىلدى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش تەدبىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. تاڭ رېنجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، جىپسىلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغىنى كەسىپ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىش نىسبىتىنى %60 تىن ئاشۇردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەش كۆلىمىنى 32 مىليون 970 مىڭغا يەتكۈزۈپ، 30 مىليون كىشىلىك يىللىق ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدۇق. بۇلتۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.3 ئاشتى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئېشىش ھالىتى ساقلىنىدىكەن.
تاڭ رېنجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى داۋاملىق ئاشتى، مەھسۇلاتلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ %7.3 ئەمەلىي ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %73تىن ئاشتى، %90تىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتتە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش دائىملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزا ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرى داۋاملىق ياخشىلاندى. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەش بىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئىشەنچىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردۇق. بىز خىزمەت سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىمىز.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت