سودا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن سۆھبەت
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سودا ئىشلىرى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بولۇپمۇ 3-پەسىلگە كىرگەندىن بۇيان، مۇقىم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. سودا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ۋاڭ ۋېنتاۋ يېقىندا «نوپۇزلۇق سۆھبەت» پىروگراممىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:يېڭى سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىستېمالنى يەنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرىمىز.
ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى:ھازىر، ئېلىمىز تاشقى سودىسىنىڭ «مۇقىملىق» ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىنىپ، «ئىلگىرىلەش» ۋەزىيىتى تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، «يېڭى» قۇۋۋەت تېز توپلاندى. 4-پەسىل پۈتۈن يىللىق تاشقى سودا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا خىزمىتىمىزنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. بىر تەرەپتىن، كارخانىلارنىڭ زاكاز تالونىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سودا سىياسىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت ئەۋزەللىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پىششىقلاش سودىسىنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىگە تەرتىپلىك يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
سودا مىنىستىرلىقى بۇ يىلنى «ئىستېمالنى ئاشۇرۇش يىلى» قىلىپ بېكىتتى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ئىستېمال بازىرى قىزىپ، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئۆي جاھازلىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى بىر قەدەر يۇقىرى ئاشتى.
ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ داۋاملىق روشەنلىشىشىگە ئەگىشىپ، يىل ئاخىرى، يىل بېشىدىكى ئىستېمالنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ تۈرتكىلىك رولى قوشۇلۇپ، 4-پەسىلدە ئىستېمالدا داۋاملىق مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتىن ئۈمىد بار.
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئېلىمىز يېڭىدىن تەسىس قىلغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.4 ئېشىپ، نۇرغۇن تۈرلەر تېز ئەمەلىيلەشتى، سىياسەت ئۈنۈمىمۇ تەدرىجىي گەۋدىلەندى. ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: بىز چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى مۇۋاپىق قىسقارتىپ، ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تېلېگراف، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پايدىسى، ئېچىۋېتىش پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز.
گوۋۇيۈەن يېقىندا شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلاپ، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالنى قاپلىغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يىل 6-ئايدا، ئېلىمىز ھۆججەت چىقىرىپ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن، بېيجىڭ قاتارلىق بەش ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى سىناق نۇقتىسىنى خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش جەھەتتە ئالدىن ئىزدىنىشنى قوللىدى.
ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، 15 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى، باشقا تەدبىرلەرمۇ يېقىندا ئەمەلىيلىشىدۇ. بىز تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر يىلدىن كېيىن باھالاشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، شارائىتى ھازىرلانغان تەدبىرلەرنى بارلىق ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا كېڭەيتىپ، قائىدە، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن