دىڭ شۆشياڭ بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەل رايى قۇرۇلۇشى. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى، بايلىق زاپىسى تېخىمۇ تولۇقلاندى، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ياخشى ئاساس سېلىندى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولماسلىق»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆمۈر، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ۋە تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، بايلىق ئىمپورتىنى پائال كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. زاپاس بايلىقنىڭ تەڭشەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈر ساقلاش بازىسىنىڭ كۆمۈر ساقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش، كۆمۈر زاپىسى تۆۋەنرەك ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ كۆمۈر ساقلاش مىقدارىنى چىڭ تۇتۇپ ئاشۇرۇش، تەبىئىي گازنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. ئېنېرگىيە توغرىسىدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك كېلىشىم ئىمزالاش، ۋەدىگە ئەمەل قىلىشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەشنىڭ، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاھالىلەر تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ئېنېرگىيەگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، قاتتىق سوغۇق ھاۋا رايى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلەتكەن»، «كۆمۈرنى توكقا ئۆزگەرتكەن» ئابونتلارنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىنى پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش، تۈزەش ۋە ئەسلىھەلەرنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كارخانىلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئېنېرگىيە بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەمدە خېبېي، خېيلۇڭجياڭ، يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل