فىلادېلفىيە سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇزىكا كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
فىلادېلفىيە سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇزىكا كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، لى شۇلېي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە سۆز قىلدى
"يېرىم ئەسىردىن ھالقىغان دوستلۇق" --فىلادېلفىيە سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇزىكا كېچىلىكى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىلادېلفىيە سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ باش لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ما سىيىغا يازغان جاۋاب خېتىنى ئوقۇدى ھەمدە سۆز قىلدى.
لى شۇلېي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەر تەرەپلىمە مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. لى شۇلېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جۇڭگو-ئامېرىكا ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە ئىزچىل ھەم ئۆزگىچە رول ئويناپ كەلدى. جۇڭگو ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا مەدەنىيەت تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سەنئەتكە بولغان ئورتاق قىزغىن مۇھەببەت ئاساسىدا ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەدەنىيەت كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ قېتىمقى مۇزىكا كېچىلىكىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قوللىغان، فىلادېلفىيە سىمفونىيە ئوركېستىرى، جۇڭگو سىمفونىيە ئوركېستىرى، ئامېرىكا ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن بولغان ئويۇن قويۇش سەنئەت مەركىزى بىرلىكتە ئورۇنلىغان.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن