ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى 10 ئايدا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون 344 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-02 10:17

سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسىدا داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان، بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت سودىسىدا ئېشىش ھالىتى ساقلانغان، ساياھەت مۇلازىمىتى تېز ئەسلىگە كەلگەن. بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون 344 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتى 2 تىرىليون 230 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئاشقان؛ ئالدىنقى 10 ئايدا، ساياھەت مۇلازىمىتى ئىمپورت ـ ئېكسپورتى 1 تىرىليون 183 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.7 ئاشقان. سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى لى جۈن مۇنداق دېدى: يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق رەقەملەشكەن بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت سودىسىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تاشقى ئىقتىسادنىڭ داۋالغۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، تەرەققىياتىنىڭ ئەۋرىشىملىكى نىسبەتەن ياخشى. ئىككىنچى تەرەپ ساياھەت مۇلازىمەت سودىسى، بۇ ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مەيلى چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش بولسۇن ياكى چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش بولسۇن، ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولدى، بۇ جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى.

لى جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسى ۋەزىيەتكە نەزەر سالساق، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى دۇچ كېلىدىغىنى ھەم خىرىس، ھەم پۇرسەت، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەت مۇلازىمىتى ۋە بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت سودىسىنىڭ كۆلىمى ۋە ئورنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. رەقەملىك مۇلازىمەت سودىسى كەلگۈسىدىكى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇلازىمەت سودىسىدا يەنە يېشىل يۇغۇرما تەرەققىيات يۈزلىنىشى بارلىققا كېلىدۇ، بولۇپمۇ مۇلازىمەت سودىسى بىلەن ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىلا ناھايىتى زور. كەلگۈسىدە مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە يۇغۇرۇش ئارقىلىق مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى 10 ئايدا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون 344 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشتى

سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسىدا داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان،