ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2-نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-02 10:17

«دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» باش تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 50 كە يېقىن كارخانىسى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو كۆرگەزمە گۇرۇھى بىلەن 2-نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.

تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى- دۇنيادىكى تۇنجى تەمىنات زەنجىرىنى باش تېما قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە يېڭى ئېچىۋېتىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. چوڭ كارخانىلار ئۆزىنىڭ تەمىنات ئىقتىدارى ۋە باش-ئوتتۇرا-ئاياغ ھالقىسىدىكى يېتەكلەش رولىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتى، ئىلغار تېخنىكىسى، يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ نامايان قىلدى، كۆرگەزمە مەزمۇنى مول، ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شاۋگاڭ مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىدە سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر، كەسپىي تاماشىبىنلار كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى، ئادەتتىكى تاماشىبىنلارمۇ كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ لوگىكىسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئارقىلىق چۈشەندى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سەمىمىي ھەمتۈرتكە بولۇپ، تەمىنات زەنجىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى. تۇنجى نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىدە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ باش-ئوتتۇرا-ئاياغ ھالقىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنى ماسلاشتۇرۇش، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرى ھەمتۈرتكە بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن شۈنجيې مۇنداق دېدى: مەسىلەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل زەنجىرىدىكى بىر كارخانا ئۈچۈن كۆرگەزمىدە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى يوق، ھەممىسى ئۇنىڭ باش-ئاياغ ھالقىسىدىكى يوشۇرۇن خېرىدارلىرى، شۇڭا ئۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى، بىر-بىرلەپ پىكىر ئالماشتۇردى، زىيارەت قىلدى، كېڭەشتى. كارخانا بۇ خىل كۆرگەزمە شەكلىنى تولۇق ئېتىراپ قىلدى، بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 2-نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى بالدۇرراق بېكىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

كېلىشىم ئىمزالىغان كارخانىلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: تۇنجى نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق، 2-نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى ئورنىنى بالدۇرراق بېكىتىپ، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. كېلىشىم ئىمزالىغان بىر كارخانىنىڭ خەلقئارا تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن لىدىرى شيۇڭ تاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، بىز يەنە تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە ئوخشاش كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خېرىدارلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2-نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولدى

«دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» باش تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسى نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكتە