ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنخۇينىڭ خېفېي: تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى «يېڭى مۇسابىقە يولى»غا باشلاپ كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:05

تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى ھەر خىل ئادەملىك ۋە ئادەمسىز ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەر خىل تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش پائالىيىتىنى يېتەكچى قىلىپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي فورماتسىيە. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرى تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى كەسپىدە زىچ يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتەك ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى «يېڭى مۇسابىقە يولى»غا باشلاپ كىردى.

خېفېي شەھىرى لوگاڭ باغچىسىدا، مۇخبىر بىر كۆپ قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پات-پات ئۇچۇپ-قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، پات ئارىدا باغچىدا تاۋارلاشقان ئادەملىك ئۇچۇشنى تاماشا قىلىش ۋە تىجارەت پائالىيىتى يولغا قويۇلىدۇ. لوگاڭ باغچىسى خېفېي شەھىرى بەرپا قىلغان بوشلۇق ئادەمسىز سىستېمىسى بولۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تاماق يەتكۈزۈش، يەنە ئادەمسىز يۈك ئاپتوموبىلى، ئادەمسىز قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغىچە ھەممىسى بۇ يەردە سىناق قىلىنىدۇ. خېفېي شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن سى تونۇشتۇرۇپ: تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرگە بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر چوڭ، دېدى.

2021-يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسى تۆۋەن بوشلۇقنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش تەستىقىغا ئېرىشىپ، مەملىكەت بويىچە 3-، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى تۇنجى پۈتۈن رايون بويىچە سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكىگە ئايلاندى. يېقىندا «خېفېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقى»دىكى تۇنجى ئادەمسىز ھەيدىلىدىغان ئادەملىك ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىسى پۈتتى.

ئەنخۇي ئۆلكىسى ئەمەلىي يېتەكچىلىك، كاپىتال ياردىمى، ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئېنېرگىيە سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۆلمە قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنى خېفېيغا توپلىنىشقا جەلپ قىلدى. خېفېي يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىغىلا تۈرلۈك تۆۋەن بوشلۇق كارخانىسىدىن 20 نەچچىسى توپلىنىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىشتىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىش، ياساش، سېتىشقىچە بولغان كۆپ ھالقىلارنى تولۇق قاپلىغان كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. ھازىر خېفېي شەھىرىنىڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىساد كەسپىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى تۈزۈلۈپ بولدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنخۇينىڭ خېفېي: تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى «يېڭى مۇسابىقە يولى»غا باشلاپ كىردى

تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى ھەر خىل ئادەملىك ۋە ئادەمسىز ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەر خىل تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش پائالىيىتىنى يېتەكچى قىلىپ،