ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىڭ شۆشياڭ دۇنيا كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:05

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە دۇبەيدە دۇنيا كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇنيا كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشىگە بولغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇنيا كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلىتى سۈپىتىدە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا كىلىماتىنى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ ھەم يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سەككىز يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە، ئەڭ زور سىياسىي ئىرادە ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن «پارىژ كېلىشىمى»نى ھاسىل قىلىپ، دۇنيانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان ئىدى. جۇڭگو ئىزچىل ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا كىلىماتىنى تۈزەشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات، ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسى ئالدىدا، ئىنسانلار تەقدىرداش، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ھەم ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دە بېكىتىلگەن نىشان ۋە پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تىرىلمە ئېنېرگىيە نىسبىتىنى پائال ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەدىسىنى تولۇق نەقلەشتۈرۈش كېرەك، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى جەھەتتىن قوللاشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى مۇھەممەد، زامبىيە زۇڭتۇڭى شىچىلېما، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز كانېل، مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇيىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو دۇنيا كىلىماتىنى تۈزەشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى ۋە باشلامچىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان دۇنيا كىلىماتىنى تۈزەش سىستېمىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

چەت ئەل رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئىلگىرىلەش ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى دەپ قارىدى، جۇڭگونىڭ پەلەستىن قاتارلىق خەلقئارا مەسىلىلەردە ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىڭ شۆشياڭ دۇنيا كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسى ئالدىدا، ئىنسانلار تەقدىرداش، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.