ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2023-يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:08

2023-يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە گۇاڭجۇدا ئېچىلدى.

يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، جۇڭگونى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈز يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇۋاتقان، خېيىم-خەتەر ۋە خىرىس گىرەلىشىپ كەتكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك قىياپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، ئورتاق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا زور تۆھپە قوشتى. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرداش بولۇش، ئىناق بىللە تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش مۇناسىۋىتىنى كەڭ دۇنياۋى نەزەر بىلەن ئىگىلەپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىدىيە، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2023-يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى ئېچىلدى

2023-يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە گۇاڭجۇدا ئېچىلدى.